Bpui رامكىسى

Bpui ئالدى-بۆلەك(front-end) توربەت رامكىسى بولۇپ توربەت ۋە توريۇمشاق دېتاللىرى ئۈچۈن لايىھەلەنگەن،بۇ رامكا نورغۇنلىغان ئالدىن بىكىتىلگەن زاپچاسلارنى تەمىنلەيدۇ،پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە لايىھەگە ماسلاشتۇرۇلغان ،كۆچمە ئۈسكۈنىلەرنى بىرىنجى ئورۇندا قويغان بولۇپ (responsive) لايىھەگە تولىمۇ ماس كىلىدۇ.بىرلا قىتىمدا توربەتنىڭ ئۈستەل يۈزى ۋە كۆچمە نۇسخسىنى بىرتەرەپ قىلالايدۇ.

كۆچمە ئۈسكۈنىلەر بىرىنجى

bp رامكىسىنىڭ لايىھە زاپچاسلىرى كۆچمە ئۈسكۈنىلەرنى قوللاشنى ئاساسى مەقسەت قىلغان بولۇپ،«كۆچمە ئۈسكۈنىلەر بىرىنجى» دىگەن ئىقىمغا ئەگەشكەن،bp رامكىسى ئارقىلىق ياسالغان ھەرقانداق توربەت، كۆچمە ئۈسكۈنە ۋە ئۈستەل يۈزى كومپيۇتېرلىرىغا ماسلىشىدۇ. بىرلا قىتىمدا سۇپا ئاتلاش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

زامانىىۋى ئۆلچەم

bp رامكىسى ئەنئەنىۋى توربەتلەردىكى كونا لايىھە ئۆلچەملەرنى تاشلاپ،زامانىۋى توركۆرگۈچ ۋە زامانىۋى لايىھە ئۆلچمەلىرىنى ئويلاشقان بولۇپ،زاپچاسلارنىڭ كۆپىنچە قىسمى uikit ئۆلچىمى بويىچە يىزىلغان،bootstrap نىڭ بەزى زاپچاسلاردىن ئىلھام ئالغان،شۇنداقلا نۆۋەتتىكى خەلىقئارادىكى توربەت لايىھە ئېلمىنتلىرى ئىقىمىغا ئەگەشكەن.

رامكىنى ئىشلىتىش تەييارلىقى

bp بولسا css رامكىسى بولۇپ،بۇ رامكىنى ئىشلىتىش ئۈچۈن ئىشلەتكۈچى html دىن ئەڭ دەسلەپكى ئاساسى سەۋيەگە ئىگە بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ،ئەگەر ئىشلەتكۈچى html دىن ھىچقانداق ئاساسى بولمىسا چۈشۈرۈش بۆلىكىدىن مەخسۇس تەييارلانغان رامكىنى باشلاش ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ خىزمەتكە ئاتلانسا بولىدۇ،ئوتتۇراھال ۋە يۇقىرى دەرىجىدىكى ئىشلەتكۈچى بۇ باسقۇچلاردىن ئۆتۈپ كەتسە بولىدۇ.

رامكىنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى

رامكا ئىشلەتكۈچىلەرگە باشلاش ئۈچۈن ھەرخىل قولايلىق ئۇسۇللارنى تەمىنلىگەن بولۇپ،رامكا ئادرىسىنى كۆچۈرۈپلا باشلاش،ياكى باشلاش ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ باشلاش ،ئىشلەتكۈچى html دىن مەلۇم ئاساسقا ئىگە بولسا رامكا ئادرىسىنى بىۋاستە كۆچۈرۈپلا ئۆز ئىھتىياجىغا ئاساساسەن ھەرخىل زاپچاسلار بۆلىكىدىن توربەت لايىھەسىگە كىرەكلىك بولغان زاپچاسلارنى ماسلاشتۇرۇپ ئىشلەتسە بولىدۇ.

BP-رامكىسنى باشلاش

bp رامكىسنى قانداق ئورنىتىش ،ۋە قانداق ئىشلىتىش توغرىسدىكى تۇنجى قەدەم ۋە تەپسىلاتلار،شۇنداقلا رامكا ھەققىدە ئىشلەنگەن ھەقسىز دەرسلەر

bp-كۆرگەزمىسى

بۇ رامكىنى ئىشلىتپ قۇرۇلغان توربەتلەر،بۇ توربەتلەرنى كۆرۈپ ئىلھام ئىلىڭ،شۇنداقلا bp نى ئىشلىتىپ ياسىغان ئىسل توربەتلىرڭىزنى بىزگە يوللاڭ ۋە باشقىلار بىلەن ئىسل توربەت لايىھە ئەسەرلرىڭىزنى كۆرگەزمە قىلىپ توربەت لايىھەلەش ساھەسىگە تۆھپە قوشۇڭ


شىنجاڭ بىلپاك ئېلىكترون سودا چەكلىك مەسئۇليەت شىركىتى
新疆贝利帕克电子商务有限责任公司
新ICP备17000265号